19 پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.
يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، قۇشلار ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ.
ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭغا جۈپى بىلەن ئۆزلىرى كېلىدۇ.