Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2:18
10 Referans Kwoze  

ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.


ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.


ئادەم: _ سەن ماڭا بەرگەن ئۇ ئايال شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنى يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا: _ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي، سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولغىن.


ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ.


خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.


ئادەم بارلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ھەمراھ تاپالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite