15 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېرەم باغدا ئىشلىسۇن ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.
پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.
يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى.
باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدۇ، لېكىن مەن گۇناھلىرىمنى ھەرگىز يوشۇرۇپ باقمىدىم.
ئۈچىنچىسى دەجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: _ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يېگىن.