12 ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ بولۇپ، ئۇ يەردىن يەنە خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقاتتى.
سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.
ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
(ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى.
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادالسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن.
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىپ، كۆكرەكلىككە قادىدى.
بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى.
ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى.
باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.