Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلماڭلار!

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:7
13 Referans Kwoze  

سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.


شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى بۇلغاشقا باشلىدى.


ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.


بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن.


ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.


ئەگەر بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتمىسۇن، بۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر.


مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى.


لۇت سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ،


قاراڭلار، مېنىڭ تېخى ئەرگە تەگمىگەن ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە ئېلىپ چىقىپ بېرەي، ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە ھەرگىز تەگمەڭلار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن مېھماندۇر. شۇڭا مەن ئۇلارنى قوغدايمەن! _ دېدى.


ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite