4 مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى.
سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.
چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.
كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.
پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: _ مەن كىشىلەرنىڭ سودوم ۋە گومورا شەھىرى ھەققىدە قىلغان ئاھۇزارىنى ئاڭلىدىم. بۇ شەھەرلەرنىڭ گۇناھى چەكتىن ئېشىپتۇ.
«ئۇلار ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە،
ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.
ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،
چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.