Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 يەنى بۇ ئىككى شەھەرنى، شەھەردىكى ئاھالىلەرنى، تۈزلەڭلىكنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى خاراب قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:25
15 Referans Kwoze  

بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.)


لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)


خۇدا كېيىن يەنە سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. خۇدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت بەردى.


ئىبرام كەنئاندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى.


پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.


بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.


ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.


مەن سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك، بابىلنى ۋەيران قىلىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ھېچكىم ھۇجۇم قىلمىسىمۇ سودوم شەھىرىگە، سودوم شەھىرى تۇيۇقسىز ۋەيران بولدى. ۋاھالەنكى، خەلقىمنىڭ جازاسى سودوم شەھىرىدىن ئېغىر بولدى.


ئۇلار شۇنچىلىك ھاكاۋۇر بولۇپ، ئالدىمدا نۇرغۇن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم.


مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite