Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ھەزرەتلىرىم، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايلا. پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يوللىرىغا راۋان بولۇشقايلا، _ دېدى. لېكىن ئۇلار: _ ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:2
15 Referans Kwoze  

ھەرقايسىلىرى دەرەخ سايىسىدە دەم ئېلىپ تۇرغايلا، مەن پۇت-قوللىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ،


ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.


ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.


ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا: - بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى.


ئاندىن، بىر جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، شاگىرتلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.


شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:


لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى.


ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.


غوجىدار ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، پۇتلىرىنى يۇيۇشقا سۇ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى.


سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى، كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى، بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟


ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى. ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ داۋۇت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.


ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى، ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.


ئاز دەسسىگىن قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا، تويۇپ سەندىن ئۆچ بولۇپ قالار بولمىسا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite