18 لېكىن لۇت: _ ھەزرەتلىرىم، ئۇنداق قىلىشمىغايلا!
- ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! - دېدى پېترۇس.
ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان!
ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟
ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.
ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.