Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئاندىن ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتقا: _ سېنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تۇغقانلىرىڭ بارمۇ؟ ئوغۇل-قىزلىرىڭ، كۈيئوغۇللىرىڭ ياكى باشقا تۇغقانلىرىڭ بولسا، ئۇلار بۇ شەھەردىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:12
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار نۇھقا: _ بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن.


ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.


لېكىن، خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزغانىدى.


شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،


ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ماڭا ئىخلاسمەن بولسۇن دەپ، مەن ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈرىمەن. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر.


تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن! بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى.


شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.


ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى.


بىز بۇ شەھەرنى خاراب قىلىمىز. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئاھۇزارى پەرۋەردىگارغا يەتتى. شۇڭا ئۇ بىزنى بۇ شەھەرنى خاراب قىلىشقا ئەۋەتتى، _ دېدى.


ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite