6 ئىبراھىم دەرھال چېدىرغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، سارەگە: _ دەرھال سۈپەتلىك ئۇندىن كۆپرەك نان پىشۇرغىن! _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.
بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.
قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.
خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.
ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.
غىزالىنىشلىرى ئۈچۈن بىرئاز يېمەكلىك ئېلىپ كېلەي. ئارام ئېلىپ، ئاندىن يوللىرىنى داۋاملاشتۇرغايلا، كەلگەنلىكلىرىدىن خۇشال بولدۇم، _ دېدى. _ رەھمەت، ئېيتقانلىرى بولغاي، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.
ئارقىدىنلا ئۇ يەنە كالا پادىلىرىدىن سېمىز بىر تورپاقنى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى. چاكىرى دەرھال تورپاقنى سويۇپ، تەييار قىلدى.
لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى.
شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال ئىدىشقا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى.
باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تورپاقنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى.
شۇنداق قىلىپ، ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. ئاتىسى يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون: _ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز، تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى.
ئالدىرىدىم، ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا، ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم.