Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 18:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. ئەگەر پەقەت 10 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ پەقەت 10 ھەققانىي ئادەم بولسا، بۇ شەھەرنى يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 18:32
21 Referans Kwoze  

گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي يۇڭى بىلەن يەنە بىر سىناپ باقاي. بۇ قېتىم قوي يۇڭى قۇرۇق تۇرسۇن، يەرگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى.


- دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بارلىق تىلىكىمىز ۋە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.


ئەگەر مىڭلىغان پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ، ئادەمگە ياردەملىشىپ، دۇرۇس يولنى ئۆگەتسە


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.


ئىبراھىم يەنە: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە سوئال سوراي. مۇبادا 30 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ ئەگەر 30 ئادەم بولسا، خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.


ئىبراھىم يەنە: _ ئى ئىگەم، سەندىن يۈرەكلىك ھالدا يەنە سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. مۇبادا 20 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ ئەگەر 20 ئادەم بولسا، مەن يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.


يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite