22 ئاندىن كېيىن مېھماننىڭ ئىككىسى سودومغا كەتتى. پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قالدى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:
مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.
شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.
ئالدى بىلەن سەندىن ۋە بارلىق ئېتىقادچىلاردىن پۈتكۈل ئىنسان ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلەشنى، خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشنى ۋە خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىشنى،
ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!
مېھمانلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، سودوم شەھىرى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، بىرگە ماڭدى.
مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى.