Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 18:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 سارە قورقۇپ: _ مەن كۈلمىدىم! _ دەپ تاندى. _ ياق، سەن راستتىنلا كۈلدۈڭ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 18:15
17 Referans Kwoze  

گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


روھىڭلار ۋە ئوي-پىكرىڭلارمۇ يېڭىلانسۇن.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


دەرۋازىۋەن قىز پېترۇستىن: - سىزمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، مەن ئەمەس، - دېدى پېترۇس.


ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟


راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار.


_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.


شۇڭا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولمايدۇ، ئەكسىچە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار قابىلدىن: _ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى. _ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.


شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ،


مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.


مېھمانلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، سودوم شەھىرى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، بىرگە ماڭدى.


ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite