13 شۇڭا پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: _ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداق ھامىلىدار بولالايمەن؟!» دەيدۇ؟
ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
شۇڭا سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ كەتتىم، ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قانداق نېسىپ بولسۇن؟!» دېدى.
مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.
سارە ئۆزىگە: «خۇدا ماڭا شادلىق ئاتا قىلىپ، مېنى كۈلدۈردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم مەن بىلەن بىرگە خۇش بولۇپ كۈلىدۇ!
كىم سارەنى ئىبراھىمنىڭ بالىسىنى ئېمىتىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ لېكىن مەن ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى.