12 شۇڭا سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ كەتتىم، ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قانداق نېسىپ بولسۇن؟!» دېدى.
مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.
ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى
شۇڭا پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: _ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداق ھامىلىدار بولالايمەن؟!» دەيدۇ؟
يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.
خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.
پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا، خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا.
ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى.
ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال: _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.