11 بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.
ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى
ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى.
تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.
- مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.
ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.
_ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
راھىلە ئاتىسىغا: _ خاپا بولماڭ ئاتا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم يوق، _ دېدى. لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلىرىنى تاپالمىدى.
ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، 99 ياشتا،
كىم سارەنى ئىبراھىمنىڭ بالىسىنى ئېمىتىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ لېكىن مەن ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى.
ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئاسان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلغانىدى.
خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا خوجايىنىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى.
يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.