5 ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن.
سەن ئىبرامنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ.
خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «مەلىكە»] بولسۇن.
ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى.
ئەتىسى روھانىي پاشكۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتقاندا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ساڭا «پاشكۇر» ئەمەس، «ھەممە يەرلەردە ۋەھىمە باسىدۇ» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: - يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، - دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.
ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆردى»] دەپ ئات قويدى.
بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.
ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل، _ دېدى. شۇنداق بولۇپ، ياقۇپ ئىسرائىل ئاتىلىدىغان بولدى.
ياقۇپ ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: _ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.
ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم.