21 بىراق مەن ئەھدەمنى تۇغۇلىدىغان ئوغلۇڭ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن. كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ئۇنى تۇغىدۇ.
دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.
مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا مەن يەنە چوقۇم كېلىمەن. شۇ چاغدا ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى. سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىردا ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى.
چۈنكى، ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.»
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس.
ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»
ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ!
مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.
خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يولىدا ماڭغان خۇدا بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي. مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.
لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى.