Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17:16
17 Referans Kwoze  

خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى زىيادە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى ئەل ۋە پادىشاھلار چىقىدۇ.


مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.


چۈنكى، ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.»


ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»


«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.


خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن.


خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «مەلىكە»] بولسۇن.


لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار ئىدى.


ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite