Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11-12 ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنىڭ، مەيلى ئۆيۈڭلاردىكى قۇللار تۇغقان ياكى باشقا ئەللەردىن سېتىۋالغان قۇلۇڭلار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار بولسۇن، ئۇلار تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىڭلار. خەتنە قىلىش ئارىمىزدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17:11
9 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى.


كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.


شۇڭا قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن جاھىللىق قىلماڭلار.


داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى.


ئەگەر ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن خەتنە قىلىنمىغانلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن.


شۇڭا مۇسانىڭ ئايالى زىپپورا قىرلىق بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، خەتنىلىكىنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزدى ۋە مۇنداق دېدى: _ سەن ھەقىقەتەن خەتنىلىك قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن.


مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى مەن ئاسماندا پەيدا قىلغان ھەسەن-ھۈسەندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite