7 پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.
كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.
بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە: _ ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى.
ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى، كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى.
سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.
خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:
بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن: _ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى. _ لەببەي! _ دېدى ئۇ.
ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ياشىدى، كېيىن گىراردا ياشىدى.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بالىنى قولۇڭغا ئېلىپ تەسەللى بەر. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.
خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى روشەنلەشتۈردى، ئارقىدىنلا ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.
پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، سېنىڭ ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ.
ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى.