3 شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا تۇرغان ئونىنچى يىلى يۈز بەردى.
ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ: _ ھەممىنى قىلغان سىز! مەن ھەجەرنى سىزگە قوشۇپ قويغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى پەش قىلىپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. كىمنىڭ قىلغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.
ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. بۇ ئاياللار سۇلايماننىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگاردىن يىراقلاشتۇردى.
داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە ئايال ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى.
لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا توقاللىققا بەردى.
شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى.
شۇڭا ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، يەنى تاغىسى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى ماخالاتنى ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە خوتۇنلۇققا ئالدى. ماخالات نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.
ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولدى. ھەجەر ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سەزگەندىن باشلاپ مەغرۇرلىنىپ، خوجايىنى ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى.
ئۇ چاغدا ئىبرام 86 ياشتا ئىدى.
ئۇ پاران چۆلىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.