Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 16:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 16:11
16 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاننا: «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن ئۇنى تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى سامۇئىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا ئاڭلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.


لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.


قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟


خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا.


ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن.


بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.


چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى، ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى، بەلكى، ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى.


ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى.


بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە: _ ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite