1 ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى.
بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى.
تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.
ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.
شۇ چاغدا زورئاھ شەھىرىدە دان قەبىلىسىدىن بولغان مانوۋاخ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى.
رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.
ئۇ پاران چۆلىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: _ ئوغلۇڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما، سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ.
ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.
ئامورلار، كەنئانلار، گىرگاشلار ۋە يىبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھانناغا بولسا ئىككى ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.