Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن بۇ زېمىنغا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:8
15 Referans Kwoze  

- مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.


- مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.


_ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!


بۇنىڭدىن ئىلگىرى پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمنى قانداق ئالامەت بىلەن ئىسپاتلايسەن؟» دەپ سورىغانىدى.


كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى، ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار، تاپسۇن قەلبىم تەسەللى، بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ماڭا ئىنەك، ئۆچكە، قوچقار تەييارلىغىن، ھەممىسى ئۈچ ياشلىقتىن بولسۇن. بۇنىڭدىن سىرت پاختەك ۋە كەپتەرمۇ تەييارلىغىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلغاي!


ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.


مەن بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغان كىشىلەرنى جازالايمەن. ئۇلار ھۇزۇرۇمدا ئەھدە تۈزۈپ، ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىگە رىئايە قىلمىدى. مەن ئۇلارنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ھالىغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.


مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite