Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:6
10 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.


بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، خەتنە قىلىنمىغان، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى، بىز ئېيتقاندەك: «خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.»


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


بۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە تارقالدى.


ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى.


دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى.


ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىمەن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite