4 ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار.
سەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.
لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: _ ئوغلۇڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما، سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ.
مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرىمەن.
ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر!
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.