Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولدى ۋە ھېلىقى ئىككى قاتار تىزىلغان ھايۋان پارچىسى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:17
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزاتقانىدى، ھاسىنىڭ ئۇچى گۆش بىلەن نانغا تېگىشى بىلەنلا تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن نان كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى.


بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.


داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى.


مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە، يېرۇسالېم ئۈچۈن جىم تۇرالمايمەن.


چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.


قورام تاش ئۈستىدە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ سەجدە قىلىشتى.


پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدا ئۈچۈن تەييارلاپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تەرەپكە بىر-بىرىگە ئۇدۇل قىلىپ تىزىپ قويدى.


پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەتتا ئورەكتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى.


خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite