ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ. Gade chapit la |
مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى.
سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.