9 ئۇلار ئېلامنىڭ پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدئال، بابىلنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلدى.
سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.
شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ،
شۇنىڭ بىلەن سودوم، گومورا، ئادماھ، زىبويىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىدا جەڭگە تەييارلاندى.
سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.
زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى.