7 ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.
خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى.
ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ياشىدى، كېيىن گىراردا ياشىدى.
شۇڭا كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بەئەر-لاخايروئى [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.
نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.
شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق.
_ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق.
بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»
ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى.
ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى.
ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى
كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك. بۇلار ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئەلىفازنىڭ توقىلى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.
بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ.
گاد قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىي چېگراسى شەرقتىكى تامار شەھىرىدىن باشلىنىپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە، ئاندىن مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلىدۇ.