6 ۋە سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان خورىلارنى چۆل بويىدىكى ئەلپارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا.
بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.)
ئۇ پاران چۆلىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى.
كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. سېلاھ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.
ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى.
شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.
پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.
ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،
ئۇلار مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشقانىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇلارغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەنىدى.