ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 14-يىلى كىدورلاۋمەر پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-قارنائىم دېگەن يەردە رافاھلارنى، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى، قىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېيملارنى Gade chapit la |
بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.
بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.
سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»