Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14:10
12 Referans Kwoze  

ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورقتى. شۇڭا ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ، تاغقا چىقىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بولدى.


ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.


ئۇلار ئۆزئارا: _ كېسەك قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا موم ئىشلىتىدىغان بولدى.


ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.


ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى.


بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.)


ئۇلار ئېلامنىڭ پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدئال، بابىلنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلدى.


تۆت پادىشاھ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.


ئىبرام كىدورلاۋمەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان ھەرقايسى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم پادىشاھى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋېھ جىلغىسى (خان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا باردى.


سودوم پادىشاھى ئىبرامغا: _ سەن غەنىيمەت ئالغان مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite