Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:16
38 Referans Kwoze  

ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك، كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟ كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟ مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي، ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.»


ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.


ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.


قۇلۇڭ سېنىڭ تاللىغان خەلقىڭ بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇلار ھەددى-ھېسابسىز زور خەلقتۇر.


خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى.


ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.


ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»


داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.


يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بەردى. پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىدى.


يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.


ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى خاراب قىلىۋېتەتتى.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.


چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار.


شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.


خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، ئەۋلادلىرىڭنى كۆپ قىلغاي، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ چىققاي!


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ.


ھەجەرنىڭ ئوغلىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن پەرزەنت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى بىر ئەل قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ، _ دېدى.


چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق قىلىمەن. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


لېكىن مەن تەلىپىڭنى ئاڭلىدىم، ئىسمائىلغىمۇ بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپ قىلىمەن. ئۇ 12 پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر ئەلگە ئايلاندۇرىمەن.


مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى زىيادە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى ئەل ۋە پادىشاھلار چىقىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمدىن، بولۇپمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، _ دېدى.


لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى.


مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،


ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى 200 ئۆچكە، 20 تېكە، 200 ساغلىق قوي، 20 قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ 30 چىشى تۆگە، 40 ئىنەك، 10 بۇقا، 20 مادا ئېشەك ۋە 10 ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تاللىدى.


ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite