Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇڭا لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:11
11 Referans Kwoze  

ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.


بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.


بەزىلەردەك، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.


ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما. ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا.


دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.


ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.


لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا: _ سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باققىن.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)


ئىبرام كەنئاندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى.


شەرقىي چېگرايىڭلار خاۋران ۋە دەمەشق ئارىسىدىكى يەردىن باشلىنىپ، گىلئاد بىلەن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆلۈك دېڭىزدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى تامار شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ شەرقىي چېگرايىڭلاردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite