Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:10
26 Referans Kwoze  

نەگېب چۆللۈكىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ۋادىسى، يەنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانىڭ تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە بولغان بارلىق يەرلەرنى كۆرسەتتى.


مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن سودوم، گومورا، ئادماھ، زىبويىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىدا جەڭگە تەييارلاندى.


ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


سودوم پادىشاھى بەرا، گومورا پادىشاھى بىرشا، ئادماھ پادىشاھى شىناب، زىبويىم پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.


سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.


بۇ نەرسىلەرنى پادىشاھ ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، يەنى سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇردى.


ھەتتا ئېرەم بېغىمدىكى كېدىر دەرەخلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. قارىغاي ۋە چىنارلارمۇ ئۇنىڭ شاخلىرىغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭدەك گۈزەل ئەمەس ئىدى.


بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.


مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.


ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.


تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.


ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.


شۇڭا لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى.


مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا مايىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.


دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.


ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.


سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى.


مەن ئۇنى بۈك-باراقسان ئۆستۈرۈپ، گۈزەللەشتۈردۈم. ئېرەم بېغىمدىكى دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى.


شەرقىي چېگرايىڭلار خاۋران ۋە دەمەشق ئارىسىدىكى يەردىن باشلىنىپ، گىلئاد بىلەن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆلۈك دېڭىزدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى تامار شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ شەرقىي چېگرايىڭلاردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite