Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13:1
8 Referans Kwoze  

شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى.


ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.


بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن.


ئىبراھىم بەئەرشەبادا بىر تۈپ يۇلغۇن تىكىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا سەجدە قىلدى.


ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ياشىدى، كېيىن گىراردا ياشىدى.


مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite