Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:5
13 Referans Kwoze  

ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرى ئىچىدىكى قورال تۇتالايدىغان 318 ئادەمنى توپلاپ، تۆت پادىشاھنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى.


تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى.


سودوم پادىشاھى ئىبرامغا: _ سەن غەنىيمەت ئالغان مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ! _ دېدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى


ئىبرام بىلەن بىرگە ماڭغان لۇتنىڭمۇ چارۋا ماللىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى.


بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ چارۋا ماللىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي،


ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى.


ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، چارۋا ماللىرى ۋە كەنئاندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى.


لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ.


تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite