Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇڭا ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن 75 يېشىدا خاران شەھىرىدىن يولغا چىقتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:4
10 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى.


شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.


شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا تۇرغان ئونىنچى يىلى يۈز بەردى.


ئۇ چاغدا ئىبرام 86 ياشتا ئىدى.


ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 175 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى.


ئىبرام بىلەن بىرگە ماڭغان لۇتنىڭمۇ چارۋا ماللىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite