Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 «مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12:2
38 Referans Kwoze  

قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقاد بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ.


چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق قىلىمەن. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ.


پەرۋەردىگار خوجايىنىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنى كالا، قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە مۇيەسسەر قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي ئەۋلادلىرىدۇر.


شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.


ئەمدى سەن مېنى توسما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرىمەن ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بۈيۈك بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.


باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.


ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى.


ئەمدى مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن يىقىتىمەن، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ تۆشىكىدە يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ،


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»


ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئاسان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلغانىدى.


ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بەئەر-لاخايروئى دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى.


شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.


بەخت تىلەشكە ئەمر ئالدىم، ئۇ تىلىگەن بەختنى مەن ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىم يوق.


بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.


مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»


لېكىن مەن تەلىپىڭنى ئاڭلىدىم، ئىسمائىلغىمۇ بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپ قىلىمەن. ئۇ 12 پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر ئەلگە ئايلاندۇرىمەن.


سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ.


ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite