16 پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابىمەلەك سارەنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەكلەرنىمۇ تەقدىم قىلدى.
ئىبرام باي بولۇپ، نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار بولدى.
ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق مادا ئېشەككە ئىگە بولدى.
ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.
مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»
فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى.
پەرۋەردىگار خوجايىنىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنى كالا، قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە مۇيەسسەر قىلدى.
لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،
بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ چارۋا ماللىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي،
ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.