15 ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ساراھنى كۆرۈپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.
ئۇ چاغدا ئىبراھىم كىشىلەرگە ئايالى سارەنى سىڭلىم، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا گىرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈرۈۋالغانىدى.
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.
ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ.
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا.
ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.
تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.
سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
سۇلايمان مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە پىرئەۋننىڭ قىزى شۇ يەردە تۇردى.
پىرئەۋن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق مۇسا مىديان ئېلىگە قېچىپ كەتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى.
پىرئەۋننىڭ قىزى، يەنى مەلىكە دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى.
ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى.
پىرئەۋن غەزەپلىنىپ،
_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز: «شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا، ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا. سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى، پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.
مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى،
ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.