5 پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى پەسكە چۈشتى.
مەن چوقۇم بېرىپ، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئەمەلىيەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، _ دېدى.
ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.
خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن.
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.
پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.