Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11:4
17 Referans Kwoze  

ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى.


سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەريۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!


كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.


مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»


ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.


_ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ.


داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى.


ئۇ دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.


مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار، تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار.


پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر.


كېمىلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان-پەلەككە، گاھ چۈشكىنىدە دولقۇن تەكتىگە، ئۇلار خەتەردىن چۈشكەنىدى ساراسىمىگە.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»


شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite