1 دەسلەپتە يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئادەملەر پەقەت بىرلا تىلدا سۆزلىشەتتى.
ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى.
«كېيىن ئەللەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ۋە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرىنى پاكلايمەن.
ئۇ چاغدا مىسىرنىڭ بەش شەھىرىدە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەھەر «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر. توپان بالاسىدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارقالغاندۇر.
ئۇلار شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ جايلاشتى.
پەرۋەردىگار: _ ئۇلار بىرلىشىپ بىر خەلق بولۇپتۇ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالىغۇدەك.