Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ باتۇر ئوۋچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:9
13 Referans Kwoze  

«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»


ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.


ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى.


ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئىنىسى ياقۇپ ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جىمغۇر ئادەم ئىدى.


سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزىگە بەند قىلىۋالىدىغان ئاياللار، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن بىلەكلىرىڭلارغا تۇمار تاقاپ، بېشىڭلارغا رومال ئارتىپ يۈرىسىلەر. سىلەر جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئالدىساڭلار بولامدۇ؟


لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.


كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.


بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.


ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite