6 ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.
قوشۇنۇڭدا پېرسىيەلىكلەر، لۇدلار، پۇئۇتلار بار ئىدى، ئۇلار قالقان ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ، ھەيۋەڭنى نامايان قىلىشاتتى.
ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.
خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا.
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى، ھامنىڭ زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.
ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى.
كەنئاننىڭ ئاتىسى بولغان ھام ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ ئىشنى ئىككى قېرىندىشىغا ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە يەفەت. (ھام كەنئانلىقلارنىڭ بوۋىسى.)
ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.
سېنىڭ قوشۇنۇڭدا قالقان تۇتقان، دۇبۇلغا كىيگەن پېرسىيەلىكلەر، كۇشلار، پۇئۇتلار،
ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى.
نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.