4 ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.
كىتتىملىقلارنىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قورقۇپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»
بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.
سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ، ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»
تارشىشنىڭ كېمىلىرى ماللىرىڭنى توشۇيتتى. سەن ئېغىر مال قاچىلانغان دېڭىزدىكى كېمىگە ئوخشايسەن.
سەن مول بايلىققا ئىگە بولغاچقا، تارشىشلىقلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي ۋە قوغۇشۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى.
ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.
ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.
پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.
مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ، تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ. ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.